UyghurMain Dictionary
كەرەشمە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ناز، جىلۋە، نازلىق بېقىش:
ماڭا ھەر بارە قىلسا ئول كەرەشمە،
كۆزۈمدىن ياش ئاقادۇر چەشمە - چەشمە.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆز ئويناتماق، كۆز قىسىشماق، ناز قىلماق، ئويناق، تەننازلىق، جىلۋە. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: قارا كۆز بىرلە بىر غەمزە قىلىپ يۈز مىڭ جاپا قىلما، كەرەشمە بىرلە ئالەمنى مېنىڭ تەك مۇبتەلا قىلما. (سەككاكى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
لەرزان خۇلق، ئەركىلىك.
ناز قىزغا يارىشا، غاز كۆلگە. قىزى بارنىڭ نازى بار. ساھىبجامالنىڭ جىلۋىسى جاننى ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىراۋغا يېقىش، ئۇنىڭ ئامراقلىقىنى، تەلپۈنۈشىنى قوزغاش ئۈچۈن گەۋدە، كۆپىنچە يۈز - كۆز بىلەن قىلىنغان نازلىق ھەرىكەت، نازلىق قىلىق.
نېسىپ بوپتۇ ساڭا گۈزەللىك، ناز - كەرەشمە بىلەن قېتىلىپ.