UyghurMain Dictionary
كەپە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تام، ئىشىك، دېرىزە، تورۇسى بولغان، ئولتۇراق جاي ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەر.
<ھۇجرا> سارايلاردىكى ئايرىم - ئايرىم ئۆي.
<كەپە>، <كۈلبە> لەر ئاددىي ئۆيلەر.
<قازناق> نەرسە - كېرەك قويىدىغان كىچىك <ئامبار>.
يالغۇز خىشتا ئۆي بولماس. ئوغرى ئون ئۆيگە چۈشمەي ئۆلمەس. قايسىبىر خانىدىن يول ئالسا تۇتۇن، ئىشىك - تاملىرىنى قارا قىلار پۈتۈن. خانىمىزغا مەرھەمەت قىلىڭ. ئىشخانا. بۇ بۆلمىدە كىم بولسا، شۇ ساھىبخان. ساراينىڭ ھۇجرىسى كۆپ، ياراملىقى يوق. كەپىدىمۇ ئۇلۇغ زات تۇغۇلىدۇ. دادام قازناقتا يوق. كۈلبىدىن كۈلكە چىقتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوغۇن - تاۋۇزلۇقق قاراش، ئۇلارنى سېتىش ئۈچۈن سېلىنغان ئاددىي ئۆي.
«سەتكە» كۇچا شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قىزنىڭ ياخشىسى گاداينىڭ كەپىسىدىن تېپىلار. باراڭغا چۈشكەن خام قاپاقنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ھالى بار. ئالچۇقنىڭ ئاستى تۆشۈك. ساتمىدا قىلغان سۆزنى سارايدا قىلغىلى بولماس.
شىۋىلەر
قۇرغاق، تاشلىق يەرلەردە پىلەك تارتىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك («كەبىر»، «بۆرە سويمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كەپە ئائىلىسىدىكى يەردە يېتىپ، پېلەكسىمان ئۆسىدىغان، كەپىگە ئۇرۇقداش يېرىم چاتقال
بولۇپ، يىلتىزى توم، پوستى قېلىن، ئاق سېرىق رەڭلىك، غولى توپلىشىپ يەرگە يېتىپ، پېلەكسىمان ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ
ئۆسكەن، قېلىن، يۈزى سىلىق، سەل ئويمان، شەكلى يۇمىلاق، يوپۇرماق ساپىقىنىڭ تۈۋىدە ئىككى تال قاتتىق ئىلمەك تىكىنى بولىدۇ؛ گۈلى
چوڭ، قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، رەڭگى ئاق، مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك كېلىدۇ، يېرىلغاندىن كېيىن ئىچكى پەردىسى قاندەك قىزىل رەڭدە بولىدۇ.
ئۇرۇقى توق خورما رەڭ بولۇپ، تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ، ئۇرۇقىنىڭ تەمى ئاچچىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز پوستى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى، يوپۇرمىقى ۋە
يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، يىلتىزىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى قۇرغاق قۇملۇق،
شېغىللىق پەس تاغ باغرىلىرى ۋە قۇمساڭغۇ يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
يەل تارقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سوغۇقنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككى گرام ھۆل كەپە يىلتىزىنى 5.0 گرام ھۆل كەپە مېۋىسى بىلەن بىللە يۇمشاق ئېزىپ، مەلھەم ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، داكا بىلەن يەرلىك
ئورۇننى تېڭىپ بەرسە، ئۆتكۈر رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككى گرام ھۆل كەپە يوپۇرمىقىغا بىر گرام ھۆل كەپە مېۋىسىدىن قوشۇپ يۇمشاق ئېزىپ، مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە،
ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر گرام ھۆل كەپە مېۋىسىنى ئىككى گرام ھۆل يوپۇرمىقى بىلەن بىللە ئېزىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىتىلغان ھاراق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،
يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن شاخ - شۇمبا، ئوت - چۆپلەر بىلەن يېپىلغان ئاددىي ئۆي؛ چەللە.
مەن ھارۋىنى تۇردى ئاكامنىڭ كەپىسى ئالدىدا توختىتىپ قويۇپ، ئاكامنى چاقىرسام، ئۇ كەپىسىدە يوق ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
كەپە ئائىلىسىدىكى يەردە يېتىپ پېلەكسىمان ئۆسىدىغان يېرىم چاتقال. ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. تېبابەتتە يەلنى، سوغۇقنى، ھۆللۈكنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.