Uyghur←ChineseMain Dictionary
كەنجى تۈر
بىئولوگىيە
亚种
yàzhǒng
تۈردىن تۆۋەن تۇرىدىغان كلاسسىفىكاتسىيىلىك بىرلىك بولۇپ، تۈر ئىچىدىكى يەككە تەنلەر رايون ۋە كۆپىيىش جەھەتتە تولۇق ئايرىلغاندىن كېيىن، ئوخشاش ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان يەككە تەنلەردىن تۈزۈلگەن جانلىقلار توپى. ئۇ بەلگىلىك مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىىككە ئىگە بولۇپ، بەلگىلىك تارقىلىش رايونىنى ئىگىلەيدۇ ياكى بەلگىلىك ئېكولوگىيىلىك شارائىتنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، دۆلىتىمىز يولۋاسنىڭ ئىككى كەنجى تۈرى بار، ئۇنىڭ بىرى شەرقىي شىمال يولۋىسى بولۇپ، تېنى چوڭ، يۇڭنىڭ رەڭگى ئاچ بولۇپ، شەرقىي شىمالدا ياشايدۇ. يەنە بىرى جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى بولۇپ، تېنى بىر ئاز كىچىك، يۇڭىنىڭ رەڭگى قېنىق بولۇپ، چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدۇ. يەنە مەسىلەن، سوقىچاق غوللۇق شال بىلەن قىسقا غوللۇق شال ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى كەنچى تۈرگە كىرىدۇ. بىر تۈرگە كىرىدىغان بىر قاتار توپلىشىپ ياشىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا گەرچە بەزى مورفولوگىىيلىك ياكى فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىىدىلىك، گېن تەكرارلىقى، خىروموسوما تۈزۈلۈشى ياكى جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى قاتارلىق جەچەتلەردە بەزى پەرقلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئارا چېتىشىپ كۆپىيىش ئىقتىدارى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ.
ئۆسۈملۈك,تېببىي,ئۇنىۋېرسال,دېھقانچىلىق,گىئولوگىيە,ئورمانچىلىق
亚种
yà zhǒngDتېببىي
亚类
yà lèi