UyghurMain Dictionary
كەم سۇخەن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كەم سۆز، خامۇش:
مەۋلانا ھۇمائىي ... بەغايەت فەقىر ۋە كەمسۇخەن ۋە نامۇراد كىشى كۆرىنۇر.
نەۋايى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوشۇق - تۆشۈك گېپى يوق، كۆپ سۆزلىمەيدىغان.
گەپدان، سۆزمەن، گەپچى، چېچەن، مەمەدان، مەدداھ
گەپ - سۆزگە ئۇستا ۋە كۆپ سۆزلەيدىغان.
گەپدان بولغۇچە ئىشچان بول. ۋالاقتەككۈر سۆزمەندىن دۆت ئارتۇق. باتۇرنى جەڭدە سىنا، چېچەننى دەۋادا. مەمەداننىڭ ئويى قىسقا. گەپچى گەپتىن قالسا، گېلىدىن تاماق ئۆتمەس. كەم سۆز يىگىت ساز يىگىت، مەدداھ ئۇ يىگىت ماز يىگىت. كەم سۇخەن كەمدىن كەم تېپىلىدۇ.