UyghurMain Dictionary
كەمپىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
موماي، قېرى ئايال:
ساچىدا قارا يوق ئاغزىدا تىشى،
قاتىغ پىشماق ئېردى بۇ كەمپىر ئېشى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ ياشىغان، چوڭ ياشلىق ئايال.
موماي موماينى ئاپا دەپتۇ. موماينىڭ كۆزى ئوسمىدا، گاداينىڭ كۆزى پوسمىدا. ئۆلۈم غەلۋىسىدە چال ئىڭرار ئېغىر، سەندەل قىرىپ دورا تەييارلار كەمپىر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قېرىغان ئايال، قېرى خوتۇن.