Chinese→UyghurMain Dictionary
克鲁普斯卡娅
دۇنيا تارىخى
كرۇپىسكايا
(1869 - 1939) سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت مائارىپ تۈزۈمىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. لېنىننىڭ رەپىقىسى ۋە سەپدىشى. پېتربۇرگدا بىر ئوفىتسىر ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 1890 - يىلى ماركسزملىق ئوقۇغۇچىلار كۇرژۇكىغا قاتناشقان. 1891 - 1896 - يىللىرى ئىشچىلار كەچ كۇرسنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئىنقىلاب ئىدىيىسىنى تارقاتقان. 1895 - يىلى پېتربۇرگ <ئىشچىلار سىنىپنى ئازاد قىلىش كۈرەش جەمئىيىتى> گە قاتناشقان. 1898 - يىلى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلنغان مەزگىلدە لېنىن بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. شۇ يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1901 - يىلى لېنىن تۇرۇۋاتقان ميۇنخېنگە بېرىپ <ئىسكرا> گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ كاتىپى بولغان. 1905 - يىلى 5 - ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ سىكرىتارى بولغان. شۇ يىلى 11 ـ ئايدا لېنىن بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، 1905 - يىلىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سېكرىتارىياتىدا ئىشلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا قاتناشقان. سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مائارىپ خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بلغان. 1921 - يىلىدىن باشلالپ مائارىپ خەلق كومىسسارىياتى دۆلەت ئىلمى جەمئىيىتى ئىلىم - پەن مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، 1929 - يىلدىن باشلاپ مائارىپ خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى بولغان. 1924 - يىلى روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي رىۋىزىيە كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 1927 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشىۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ <خەلق مائارىپى ۋە دېموكراتىزم>، <سىياسىي تەلىم - تەربىيە خىزمىتى پرىنسىپلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.