Chinese→UyghurMain Dictionary
科林斯
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
科林斯〈美、希〉
kē lín sī
كورىنس
دۇنيا تارىخى
كورىنتوس
قەدىمكى گرىتسىيىدىكى مۇھىم بىر شەھەر. گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن جەنۇبىي قىسمىغا (پېلوپوننېسقا) تۇتىشىدىغان مۇھىم ئۆتكەل - كورىنتوس جىلغىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. كورىنتوس رايونىنىڭ مەركىزى بولۇپ، شەرقتە سارونىڭ قولتۇقىغا، غەربىي شىمالدا كورىنتوس قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅺ ئەسىردە دورىئانلار تەرىپىدىن سېلىنغان، شەھەرنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئەتراپىغا (ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 15 كىلومېتىر كىلىدىغان) ئېگىز سېپىل سېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ - Ⅵ ئەسىرلەردە دېڭىزچىلىق ئىشلىرى ۋە سودا - سانائەت ئۇچقاندەك راۋاجلانغان ھەمدە يىراق جايلاردا مۇستەملىكە بەرپا قىلغان. ئاساسلىقلىرى كورسىرا، ئامبراسىيە، پوتىدىيە قاتارلىقلار بولۇپ، ئەڭ چوڭ مۇستەملىكىسى سىتسىلىيە ئارىلىدىكى چوڭ شەھەر سۇراكودىن ئىبارەت. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىن بۇرۇن، كۈچلۈك باككىيادا جەمەتى بۇ يەردە ئولىگارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇنىڭ ئورنىنى كۇپىسېلونىڭ تىران ھاكىمىيىتى ئىگىلىگەن، شۇ چاغدىكى داڭلىق تىران، گرېتسىيىدىكى <يەتتە دانىشمەن>نىڭ بىرى پېرىئاندرو بولغان. كېيىن، ئولىگارخىيىلىك ھاكىمىيەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 80 كىشىدىن تەركىپ تاپقان <ئالىي مەجلىس> ھۆكۈمرانلىق يادروسىغا ئايلانغان. دېڭىزدىكى مەنپەئەت ئۈستىدە ئافىنا بىلەن كەسكىن رىقابەتلىشىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئافىناغا قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سپارتا رەھبەرلىكىدىكى پېلوپوننېس ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) ھارپىسىدا، كۈچىنىڭ بارىچە ئافىناغا قارشى ئۇرۇش قوزغاشقا قۇتراتقان ھەمدە ئۇرۇشقا كۆپرەك كۈچ چىقارغان. ئۇرۇشىتن كېيىن، سپارتانىڭ زوراۋانلىقىغا نارازى بولۇپ، يەنە ئافىنا ۋە تېبېس بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، سپارتاغا قارشى چىققان (<كورىنتوس ئۇرۇشى>). مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ، ماكېدونىيە قىسىملىرى تۇرىدىغان ئورۇرنغا ئايلانغان. مىلادىدىن 243 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە قىسملىرى چېكىنىپ كەتكەندى كېيىن، ئاكائىيە ئىتتىپاقىغا كىرگەن. مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى رىم ھاكىمىيەت ئەمەلدارى مۇممىئۇ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاھالىسى تۈركۈملەپ قۇل قىلىنغان، نۇرغۇنلىغان سەنئەت بۇيۇملىرى تالان - تاراج قىلىنىپ، رىمغا توشۇپ كېتىلگەن. مىلادىدىن 46 يىل ئىلگىرى كائېسار تەرىپىدىن قايتا قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەربىيدىن بوشانغان ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان كۆچمەنلەر مۇستەملىكە رايونى قىلىنىپ، <يۇلىئوسنىڭ كورىنتوس مۇستەملىكىسى> دەپ ئاتالغان ھەمدە رىم ھۆكۈمرانلىقىدىكى <ئاكائىيە مەمۇرىي رايونى> نىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. كورىنتوس قەدىمكى گرىتسىيەدە تەسىرى كۈچلۈك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئافىنادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن.