Chinese→UyghurMain Dictionary
克里木亚声明
دۇنيا تارىخى
قىرىم باياناتى
تولۇق ئاتىلىشى <ئەنگلىيە، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ قىرىم (يالتا) يىغىنى ئاخباراتى> دېيىلىدۇ. 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يالتا يىغىنىدا ماقۇللانغان ھەمدە 21 - كۈنى ئۈچ دۆلەتنىڭ پايتەختلىرىدە ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمونلىرى: ئۈچ دۆلەتنىڭ فاشىستلار گېرمانىيىسىنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىش ھەربىي پىلانىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى جاكارلاش؛ گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنى سوۋېت ئىتتپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بىرلىكتە ئىشغال قىلش ۋە باشقۇرۇش؛ مىلىتارىزم، ناتسىسىزملىق ھەمدە شەكىل ۋە تۈزۈملەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىش؛ ناتسىستلار گېرمانىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىنغان ياۋرۇپا ئەللىرى خەلقلىرى ئۆزلىرىىڭ ھۆكۈمەت شەكلىنى تاللىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش؛ ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار باشلىقلىرى داۋاملىق يىغىن چاقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كېڭىشىش؛ ئۈچ دۆلەت باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئومۇمىي خاراكتىرلىك بىر خەلقئارا تەشكىلات (ب د ت) قۇرۇش ھەمدە شۇ يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكودا ب د ت يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئاساسىي نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقىش؛ شۇنىڭدەك پولشا چېگرىسى مەسىلىس، پولشا ۋە يۇگوسلاۋىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى مەسىلىلىرىدە كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.