Chinese→UyghurMain Dictionary
克里姆林宫
ئۇنىۋېرسال
kè lǐ mǔ lín gōng
كرېمل سارىيى
دۇنيا تارىخى
كرىمىل سارىيى
ئەسلى روسىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىسى. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان موسكۋانىڭ ئوتتۇرىسىغا، موسكۋا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان، قىزىل مەيدان بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. 1156 - يىلى كىنەز يۇرىي دولگورۇكىي (؟ - 1157) نىڭ قەلئەسى بولۇپ، ئەتراپى ياغاچ رېشاتكىلار بىلەن تورالغان. 1367 - يىلى ئاق تاش بىلەن قۇپۇرۇلغان سېپىل ئارقىلىق ئورالغان. ⅤⅩ ئەسىردە ئىۋان Ⅲ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىپ تاش ئۇللۇق خىش ئوردا تېمىنى سالدۇرغان ھەمدە مۇنار راۋىقى، چېركاۋ، ئوردا ياساتقان. ئوردا تېمى تاغ توپىلىكىنى بويلاپ ئەگرى - بۈگرى ھالدا ئۈچ بۇلۇڭلۇق شەكىل ھاسىل قىلغان، ھەر تەرىپىدە يەتتە مۇنارىسى بار. شەرقىي بۇرجىكىدىكى سىپاسكى مۇنارىسى مۇنارلار توپىنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى مۇنار، نىكولاي مۇنارىسى، تېرويسىك مۇنارىسى، پاۋلوس مۇنارلىرىمۇ بىرقەدەر ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم. ئوردىنىڭ مەركىزىدە ئۈچ ئالتۇن قۇببىلىق چوڭ چېركاۋ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. چېركاۋ مەيدانىدا ئەڭ قەدىمىي ئوردىنىڭ پىرىزمىلىق تاش سارىيى، يەنە تىرىمنوي سارىيى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سارىيىمۇ بار. ئوردىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش بۈيۈك ئىمپېراتور ئىۋاننىڭ قوڭغۇراق مۇنارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىگە 22 چوڭ قۇڭغۇراق، 30 دىن كۆپرەك كىچىك قوڭغۇراق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قوڭغۇراق نارىسىنىڭ سىرتىدىكى تۈۋرۈك ئۇل تېشىغا بەش مېتىر ئىگىزلىكتىكى قوڭغۇراق پادىشاھى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا يەنە بىر دانە زەمبىرەك پادىشاھى قويۇلغان. ئوردا كۆپ قېتىم ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ھەم كۆپ قېتىم رېمونت قىلىپ كېڭەيتىلگەن. 1838 - 1849 - يىللىرى چوڭ كرىمىل سارىيى سېلىنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت سارىيى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ يەردىكى ھەشىمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلار تۈركۈمى رۇس خەلقىنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.