UyghurMain Dictionary
كەلام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆز، گەپ؛ نۇتۇق:
ئەي يارانلار بىز ئۆلەرمىز، يادكار قالدى كەلام،
كىشىدىن قالغاي جەھاندا بىر نىشانە ياخشى نام.
نەۋبەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆز، تىل، گەپ، نۇتۇق؛ جۈملە؛ ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي قائىدىلىرى توغرىسىدىكى ئىلىم، دىنىي پەلسەپە: كەلام ئەخبارى - بايان جۈملە؛ كەلام ئىلاھى - ئاللانىڭ سۆزى (قۇرئان): كەلاموللا - ئاللانىڭ سۆزى يەنى قۇرئان؛ كەلام مەنسۇر - سەنۋىن، ئوچېرك؛ كەلام مەنزۇم - شېئىر؛ ئەھل كەلام - ناتىق، سۆزمەن كىشى؛ جان كەلام - نۇتۇقنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.