UyghurMain Dictionary
كەيپ ساپا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەھۋانىيەت ۋە ئىچكۈلۈك بىلەن ئېلىنىدىغان لەززەت، پاراغەت.
شاھ ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلسە، ئەلنى ئاپەت باسىدۇ. ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىش _ ئەقىل - ئىدراكنىڭ ھالاك بولغانلىقى. كەيىپ - ساپا مۇقەررەر ھالدا چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھەۋەسنى چۈشكۈنلەشتۈرۈشتۇر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھۇزۇر - ھالاۋەتلىك، ئىش - ھەرىكەت.
دەرد - ئەلەم، ھەسرەت - نادامەت، غەم - قايغۇ
روھىي ۋە جىسمانىي ئازاب - ئوقۇبەت، قاتتىق قىينىلىش.
ئەمگەكسىز ئويۇن - تاماشا - تۇز سېلىنمىغان بولكا. ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىش - ئەقىل - ئىدراكنىڭ ھالال بولۇشى. كەيپ - ساپاغا بېرىلىش - مىللىي ئاجىزلىقنىڭ باشلىنىشى. غەم - قايغۇڭ دېڭىزدەك بولسىمۇ، جاسارىتىڭ بولسا، ئۇتىسەن. بىز شادلىق يولىدا كۆرۈشتۇق، شادلىق يولىدا ماڭىمىز، شۇڭا بىزنىڭ ئىشىمىزغا ھەسرەت - نادامەت ئارىلىشىپ قالمىسۇن.
دەرد - ئەلەملەر كېلىدۇ،
ئوغۇل بالانىڭ باشىغا.
سايدا تۈگمەن چۆگىلەر،
كۆزدىن ئاققان ياشىغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
شاراپخورلۇق، يېيىش - ئىچىش ۋە شۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىش، ھۇزۇر - ھالاۋەت.
ئۇنىڭ بۇنداق كەيپ - ساپا سۈرىدىغان كۈنلىرىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.