UyghurMain Dictionary
كەيفېڭنىڭ مەدەنىيەت كوچىسىدىكى مەسچىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېنەن شەھىرىدىكى گۇلۇنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مەدەنىيەت كوچىسىدا. جىڭ خۇەييۇ قاتارلىق كىشلەر تىكلىگەن ئابىدىگە قارىغاندا، بۇ مەسچىت تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان. 1573 - يىلدىن 1620 - يىلغىچە قايتا رېمونت قىلىنغان. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، 1458 - يىلى خۇاڭخې دەرياسى تېشىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇددا دېنىنىڭ ۋىنجۇ ئىبادەتخانىسى ئورنىغا سېلىنغان. كېيىن سۇبېسىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن. 1649 - يىلى قايتا سېلىنغان. بۇ مەسچىتتە 500 ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. ماۋەنفۇنىڭ شاگىرتى ماگۇاڭچىڭ ئاخۇن بولغاندا، بۇ مەسچىت ئىخۋانىيە مەزھىپىنىڭ پۈتۈن خېنەندە ئۆز مەزھىپىنىڭ تەشەببۇسىنى تەرغىب قىلىدىغان بازىسى بولغان.