UyghurMain Dictionary
كەچۈرگەن
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كەچۈرىدىغان.
بۇ بەگ ئول يازۇق كەچۈرگەن _ بۇ گۇناھنى كەچۈرىدىغان بەگ.
1 - 676
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇ ئەر ئول تەلىم ئىش كەچۈرگەن _ بۇ نۇرغۇن ئىشنى ئورۇنلايدىغان (قابىل) ئادەم. « ئەۋۈرگەن تەۋۈرگەن _ ئورۇيدىغان - چورۇيدىغان» دېگەن سۆزمۇ شۇ مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياغى ئوتىن ئۆچۈرگەن
تويدۇن ئانى كۆچۈرگەن
ئىشلار ئۇزۇپ كۆچۈرگەن
تەگدى ئوقى ئۆلدۈرۈ
«(ئۇ) يېغا ئوتىنى ئۆچۈرگەن،
ئوردىسىدىن ئۇنى كەچۈرگەن،
كېسىپ ئىش قىلىدىغان (ئادەم ئىدى)،
(ئۇنىڭغا ئۆلۈمنىڭ) ئۆلتۈرگۈچى ئوقى تەگدى. »
ئۆلگەن كىشىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەسلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇ ئۇرۇش ئوتلىرىنى ئۆچۈرەتتى، دۈشمەنلەرنى قارارگاھىدىن قوغلاپ چىقىراتتى، ئۇنىڭغا زاماننىڭ ئۆلتۈرگۈچى ئوقى تەگدى.
1 - 67