UyghurMain Dictionary
كىچىك مۈشۈكئېيىق
بىئولوگىيە
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ گۆشخورلار ئەترىتى، ئېنوتلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. شەكلى مۈشۈككە ئوخشاش، لېكىن سەل چوڭراق، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 60 - 62 سانتىمېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 40 - 45 سانتىمېتىر كېلىدۇ. باش قىسمى قىسقا ھەم كەڭ، تۇمشۇقى بىر ئاز ئۇچلۇق، ئىككى قۇلىقى چوڭ ھەم ئالدىغا ئۇزارغان، تۆت پۇتى ئېنوتنىڭكىدىن توم، چاڭگال تىرنىقى ئۇزىراپ قىسقىرالايدۇ. يۇڭىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى توق قىزىل، تۈۋى قارا قوڭۇررەڭ، قۇلاق چۆرىسى ئاق، يۈزىدە ئاق رەڭلىك داغ توچكىلىرى بار، قۇيرۇقىدا سېرىق ئاق نۆۋەتلەشكەن توققۇز ھالقا سىزىقى بولغاچقا <توققۇز بوغۇملۇق بۆرە> دەپمۇ ئاتالغان. غەربىي سىچۇەندىن چىقىدىغان كىچىك مۈشۈكئېيىقنىڭ رەڭگى سۇسراق، تىۋىتى ئۇزۇنراق، تەن شەكلىمۇ چوڭراق بولىدۇ. شىمالىي يۈننەندىن چىقىدىغانلىرىنىڭ بولسا، رەڭگى قېنىقراق، تەن شەكلىمۇ كىچىكرەك بولىدۇ. تىتقۇچى چىشى بار، ئۇ 1600 - 3000 مېتىر ئېگىز تاغلاردا ياشايدۇ، دەرەخكە يامىشىشقا ماھىر، دەرەخ يىلتىزى، بامبۇك نوتىسى، يۇمران يوپۇرماق، مېۋىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. كىچىك قۇش ۋە قۇش تۇخۇملىرىنىمۇ يەيدۇ. ئادەتتە 2 - 5 كىچە كىچىك توپ بولۇپ بىرلىكتە ياشايدۇ. باھار پەسلىدە چېتىشىدۇ، بوغاز مەزگىلى 60 كۈن بولۇپ، ھەر نۆۋەتتە 2 - 3 نى تۇغىدۇ. كۆپىنچە دەرەخ كامارلىرىدا تۇغىدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۇەن، يۈننەن، شىزاڭنىڭ شەرقىي قىسمى، چىڭخەي ھەمدە بېرما، نېپال، ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. تارقىلىشى چوڭ مۈشۈكئېيىققا قارىغاندا كەڭرەك، كىچىك مۈشۈكئېيىقنىڭ مىقدارى ئاز بولۇپ، كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە ئۇ بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. شۇڭا قالايمىقان توتۇش مەنئى قىلىنىدۇ.