UyghurMain Dictionary
كىچىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماختانمايدىغان، مەغرۇرلانمايدىغان. ئۆزىنى تۆۋەن بىلىدىغان خىسىلەتلىك.
كەمتەر ئىززەت - ھۆرمەتنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەجمى، ئۆلچىمىي چوڭ بولمىغان.
«كىچىك» ئەڭ ئومۇمىي، ھەممىگە چۈشىدۇ.
كۆز كىچىك بولغىنى بىلەن كۆرىدىغىنى چوڭ. بالىلىرىم ئۇششاق، پۇتۇمغا چۈشەك. ئېگىز تاغ مەيدە - مەيدە زەررىدىن تۈزۈلگەن. ئۇتۇن ئۇۋىقى بىلەن يانىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن تۆۋەن.
چوڭ ، يوغان، كاتتا، زور، ئۇلۇغ
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن.
ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ. ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز. يوغان بېلىقنىڭ يېنىدا ئۇششاق بېلىققا كۈن يوق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەكە كىچىك، غىلاپ يوغان. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى. كاتتىغا كاتتىچە، مەيدىگە مەيدىچە. ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ. ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر. تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسۇيالماس. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىسىملاشقان؛ كىچىكلەر، كىچىك كىشى...
چوڭ ، ئۇلۇغ، كاتتا
ئىسىملاشقان؛ چوڭلار، چوڭ كىشى...
چوڭ يۈزىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئاچار. بىر چوڭنىڭ گېپىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ. چوڭ ئىززەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى تويغا ئۇلۇغ - ئۇششاق ھەممە كەلدى. ئەقىللىق ئەخمەق ئەخمەقلەرنىڭ كاتتىسى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كىچىك.
ھەر نەرسىنىڭ كىچىكى.
1 - 507
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەجمى، ئۆلچىمى، دائىرىسى چوڭ بولمىغان.
كىچىك باغ.
كۆز كىچىك بولسىمۇ كۆرىدىغىنى چوڭ (ماقال).
ياش جەھەتتىن تۆۋەن، ياش.
ئوغۇللار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك بولغان قەيسەرگە ھەممەيلەن ئامراق ئىدى.
كىچىكى يەنە بىر سەكرەپلا ھارۋىغا چىقتى - دە، يۈك - تاقلىرىمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى.
كۆچمە. تەجرىبە - ساۋاققا ئىگە بولمىغان، نادان.
- ھەي تېخى سىز كىچىك ئىكەنسىز، دىۋە بىلەن ئويناشقىلى بولمايدۇ، يولىڭىزغا قايتىڭ، - دەپتۇ بوۋاي شاھزادىگە.
ۋەزىپە، ئەمەل جەھەتتىن يۇقىرى بولمىغان.
بۈگۈن چوڭ - كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى بار.
قاتناشچىلىرى ئاز، داغدۇغىسى، ھەشەمىتى ئانچە زور ئەمەس.
كىچىك سورۇن. كىچىك يىغىن.
ئانچە ئەھمىيىتى، زۆرۈرىيىتى بولمىغان؛ ئاددىي.
كىچىك ئىشنى قىلالمىغان ئادەم، چوڭ ئىشنىمۇ قىلالمايدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كىچىك، سەبىي، جۇغى كىچىك. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
كىچىك، سەبىي؛ جۇغى كىچىك كىشى؛ كەنجى ئوغۇل.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
كىچىكئاخۇن
كىچىك پېئىل، كەمتەر