UyghurMain Dictionary
كېچىك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دەريانىڭ كېچىپ ئۆتۈشكە بولىدىغان تېيىز يېرى.
كېچىكتىن ئۆتمەك. * قويچى كېچىك تاپقۇچە، تۆگىچى سۇدىن ئۆتۈپ بولار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش .
كېچىكمەك، كېچىكىش. بەلگىلەنگەن،مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتىن كەچ قالماق.
بۈگۈنكى پويىز كېچىكتى. * ئىشقا كېچىكىپ قالغانلار . * تېز يۈرەيلى، ئىشقا كېچىكىپ قالمايلى. * كېچىكىپ كەلگەن ئەقىل _ ئۈمىدتىن كېيىنكى يامغۇر (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريا ۋە تاغ - داۋاننىڭ ئۆتكىلى بولىدىغان، ئۆتۈش ئۈچۈن ئېچىلغان يېرى.
ئەل كىرگەن كېچىككە سەنمۇ كىر. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكۈچە، قان كېچىكىدىن ئۆت. ئۆتكەلدىن ئۆتسەڭ بۇرۇن ئۆت. ئىرادىلىك كىشىگە ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەريا، كۆل قاتارلىقلارنىڭ كېچىپ ئۆتىدىغان جايى.
كۆچمە. ماڭىدىغان، ھەرىكەت قىلىدىغان يول.