Uyghur←ChineseMain Dictionary
كىبى نوماكىبى
دۇنيا تارىخى
吉备真备
jí bèi zhēn bèi
(تەخمىنەن 694 - 775) ياپونىيە نارا دەۋرىدىكى ئالىم، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار. مىلادى 707 - يىلى گېن ئاكى (؟ - 746)،ئابې ناكامارو قاتارلىقلار بىلەن، تاڭ سۇلالىسىگە بىرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا جۇڭگوغا كېلىپ، 19 يىل تۇرۇپ قايتىپ كېتىپ، تاڭ سۇلالىسى قائىدە - يوسۇنلىرى، تارىخشۇناسلىق، مۇزىكا قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 752 - يىلى يەنە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن مۇئاۋىن ئەلچى بولۇپ، باش ئەلچى فۇجىۋارا كىيوكاۋا قاتارلىقلار بىلەن جۇڭگوغا كەلگەن. 754 - يىلى ياپونىيىگە قايتىپ كېتىپ، تەدرىجىي ئۆسۈپ مۇئاۋىن ۋەزىر بولغان. 771 - يىلغا كەلگەندە ئىستېپا بەرگەن. ئاسمان جىسىملىرى، ھەربىي ئىشلار، كالېندار ۋە فونىتىكا ئىلىملىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. <خۇسۇسىي مائارىپنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان.