Uyghur←ChineseMain Dictionary
كائۇدىللو
Domain: دۇنيا تارىخى考迪罗
kǎo dí luó
ئسپانچە Caudullo نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلىدە <يەرلىك ھەربىي باشلىق> دېگەن مەنىدە، كېيىن <مۇستەبىت> دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. لاتىن ئامېرىكىسىدا ھاكىمىيەتنى زورلۇق كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى زورلۇق زورلۇق كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلاپ قالغانلار <ھەربىي كائۇدىللو" دەپ ئاتالغان. كائۇدىللو لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ ئەكسىيەتچىل كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ، چوڭ قورۇق ئىگىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى مونوپولىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەكمۇ قويۇق بولغان. ئارگېنتىنادىكى روساس، مېكسىكىدىكى دىپاس، دومىنىكادىكى ترۇجىللو قاتارلىقلار لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مەشھۇر كائۇدىللولار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.