Uyghur←ChineseMain Dictionary
كائېسارىيە
Domain: دۇنيا تارىخى恺撒里亚
kǎi sǎ lǐ yà
قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، <كائېسار> دېگەن نام بىلەن ئاتالغان شەھەرلەر. ئاساسلىقى: (1) پەلەستىننىڭ دېڭىز ياقىسى رايونىغا، گالىلې بىلەن سامارىيە رايونىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. مىلادىدىن 13 يىل ئىلگىرى يەھۇدىيلار خانى ھىرود سالدۇرغان، شەھەر سېپىلى، ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش - ئىمارەتلىرى ۋە پرىستانى بولۇپ، رىملىقلارنىڭ پەلەستىنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى مەمۇرىي مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فلاۋىيە خانلىقى مەزگىلىدە (مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆتكەن)، بۇ يەردە <فىلاۋىيە مۇستەملىكە رايونى> قۇرۇپ چىققان. (2) ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا (بۈگۈنكى ئالجىرىيە چېگرىسى ئىچىگە) جايلاشقان. فۇنسىيىلىكلەر سالغان پورت شەھىرى. قەدىمكى مورىتانىيە خانى يۇبا Ⅱ (تەخمىنەن رىم ئىمپېراتورى ئاۋگۇست بىلەن بىر دەۋرلىك) بۇ شەھەرگە <كائېسارىيە> دەپ نام قويغان. ئارقىدىن ئىمپېراتور كلاۋدىيۇس تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلدە (41 - 54) بۇ جاينى مۇستەملىكە قىلغان ھەمدە بۇ شەھەر شۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى مەمۇرىي مەركەزگە ئايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كىچىك ئاسىيانىڭ كاپپادوسىيە، پەلەستىنىنىڭ شىمالىدىكى ھېرمون تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى ۋە باشقا بەزى جايلاردا يەنە ئوخشاش نامدىكى قەدىمكى شەھەرلەر بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.