Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاڭخا شەرتنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخى江华条约
jiāng huá tiáo yuē
ئەسلى ئاتىلىشى <ياپونىيە - چاۋشىيە دوستانە ئۆتۈش نىزامى>. ياپونىيەنىڭ چاۋشيەنگە مەجبۇرىي تاڭغان تۇنجى تەڭسىز شەرتنامىسى. 1876 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كاڭخا ئارىلىدا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامە بويىچە: چاۋشىيەن ياپونىيىگە پوساندىن باشقا يەنە ۋونسان، ئېنچۈەندىن ئىبارەت ئىككى پورتنى ئېچىپ بېرىشنى: ياپونىيەسېئول شەھىرىدە ئەلچىخانا قۇرۇپ، ھەرقايسى پورتلارغا كونسۇل ئەۋەتىشنى، ياپونلار چاۋشيەن زېمىندا كونسۇل ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقدىن بەھرىمەن بولۇشنى بەلگىلىگەن. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن چاۋشيەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەت چاۋشيەن مۇنقەرز بولۇپ ياپونىيىنڭ يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلىنشقا قاراپ ماڭغان. <كاڭخا ئارىلى ۋەقەسى> گە قارالسۇن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.