UyghurMain Dictionary
كاۋاجى توشيوشى
دۇنيا تارىخى
(1836 - 1879) ياپونىيە ساقچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئىجادكارى. ۋوچېن يىلىدىكى ئۇرۇشتا ھەربىيگە قاتناشقان. 1872 - يىلى ياۋرۇپاغا بېرىپ ساقچىلىق تۈزۈمىنى تەكشۈرگەن. 1874 - يىلى ساقچىلىق ھوقۇقى بىلەن ئەدلىيە ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىپ، ساقچىلىق قوغداش مەھكىمىسىنى ئەدلىيە ۋازارىتىدىن ئىچكى ئىشلار ۋازارىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ھەم توكيو ساقچى نازارىتىنى قۇرۇپ، ساقچى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولغان. يەنە چارلاش قائىدىلىرى، چارلاش - تەكشۈرۈش قوللانمىسى، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش نىزاملىرى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىققان. 1877 - يىلى غەرب - جەنۇب ئۇرۇشىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ گېنېرال مايۇرى، قوشۇمچە ساقچى نازىرى سۈپىتىدە، ئالاھىدە لۇيتۈەننى باشلاپ جەڭگە ئاتلانغان. ئۇ، ئوكۇخىرى تورۇنىڭ يېقىن ئادىمى ئىدى. ئىككىنچى يىلى يەنە ياۋرۇپاغا بېرىپ ساقچىلىق ئىشلرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كىېيىن كېسەل بىلەن ئۆلگەن.