Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاۋا باتايا سونارى
دۇنيا تارىخى
川端康城
chuān duān kāng chéng
(1899 - 1972) ياپونىيلىك يازغۇچى. توكيو ئىمپىرىيە داشۆسىنىڭ دۆلەت ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا يۇكومىتىسو توشچى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە <ئەدەبىيات - سەنئەت دەۋرى> ژورنىلىنى چىقارغان. ئۇ يېڭى تۇيغۇچىلار ئېقىمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئىدى. 1933 ـ يىلى تاكېتارىنتارو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە <ئەدەبىيات ساھەسى>نى چىقارغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تەسىراتچانلىق تۈسىنى ئالغان. تىلى ئاددىي، ئاممىباپ، مەنىۋى مەزىرىنى يېڭى بولۇپ، ئۆز ھىسسىياتى ۋە سۇبىيكتىپ تۇيغۇنى تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بېرەتتى. لېكىن ئىجادىيەت ئىدىيىسى بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغانلىقتىن، پاسسىپ ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى كۆرۈلەتتى. <ئىدودىكى ئۇسسۇلچى قىز>، <ئاساكۇسا كۈتۈەن>، <ھايۋان>، <قارلىق دۆلەت>، <مەشھۇر زاتلار>، <مىڭ تۇرنا>، <تاغ ئاۋازى>، <ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال>، <قەدىمكى شەھەر> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار. 1948 - يلى ياپونىيە ئىجادىيەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1958 - يىلى خەلقئارا ئىجادىيەتر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1961 - يىلى مەدەنىيەت مېدالىغا ئېرىشكەن. 1968 - يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1972 - يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. كېيىن <كاۋا باتاياسۇنارى ئەسەرلىرى>دىن 17 توم نەشىر قىلىنغان.