Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاتۇللۇس
دۇنيا تارىخى
卡图鲁斯
kǎ tú lǔ sī
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 84 - 54) قەدىمكى رىم شائىرى. ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋېرونادا تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا رىمغا كۆچۈپ كېلىپ <يېڭى شائىرلار> قاتارىغا قوشۇلغان. ئۇ يەردە تىسېرو بىلەن دوست بولغان ۋە ئۇنى <رىملىقلارنىڭ بۈيۈك سۆزمىنى> دەپ ئاتىغان. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللاپ، شېئىرلىرىدا كائېسار ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى 110 نەچچە كوپلېت بولۇپ، بولۇپمۇ لېسبىيەگە بولغان مۇھەببىتى توغرىسىدىكى شېئىرلىرى بىلەن داڭق چىققان. لېسبىيە ياكى كىلودىيە ئاتاقلىق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كاتۇللۇس بىلەن ئۇزۇن مۇددەت مۇھەببەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرى ئەمەلدار مېتېللۇسقا ياتلىق بولغان. شائىر مۇشۇ ئىشلارنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا مۇرەككەپ ۋە سادىق - سەمىمىي ھېسسىياتنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم مەرسىيە ۋە يۇمۇرلۇق شېئىرلىرى بولۇپ، يۇنان ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. كاللىماخوسنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. يۇنان قاپىيىلىرىنى لاتىن لىرىكىلىق شېئىرلىرىغا تەتبىقلاش جەھەتتە بەلگىلىك تۆھپىسى بار.