Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاتتانېئو
Domain: دۇنيا تارىخى卡塔涅奥
kǎ tǎ niè ào
(1801 - 1869) ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئا دېموكراتلىرىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئالىم. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 30، 40 - يىللىرىدا مىلاندا <دۇنيا يىللىق مەجمۇئەسى>نى تەھرىرلەشكە قاتناشقان. كيېىن، <ئۇنىۋېرسال تېخنىكا پەنلىرى> ژورنىلىنى نەشىر قىلىپ، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە دائىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1848 - يىلى 3 - ئايدا مىلان قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەندە، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھەربىي ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب مەغللۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ، 1848 - 1849 - يىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىتالىيە دېموكراتلىرى ئۈچۈن ئەركىن ۋە مۇستەقىل ئىتالىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسىي پروگراممىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۆمۈر بويى پەلسەپە، ئىقتىساد، تارىخ، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتى - ئىگىلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم شەرتى، دەپ تونۇغان. ئۇ ئىتالىيە بويىچە ھىندىستان، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا قىتئەسى خەلقلىرى تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى تارىخشۇناس. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: <1848 - يىلدىكى مىلان قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇش> ۋە <پىئۇس Ⅸ نىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىدىن تاكى ۋېنىتسىيىنى تاشلىۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىتالىيە مەسىلىلىرىگە دائىر ئۈچ يىللىق ئارخىپ>.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.