Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاتىپۇنان
دۇنيا تارىخى
卡的普南
kǎ de pǔ nán
تاگالوگ تىلىدىكى Katipunan نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى <ئۇيۇشما> دېگەنلىك. تولۇق نامى <مىللەت ئوغۇل -قىزلىرىنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ئۇيۇشمىسى>. فىلىپپندىكى يوشۇرۇن ئىنقىلابىي تەشكىلات. بونىفاسىئو 1892 - يىلى 7 - ئايدا مانىلادا قۇرغان. قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. <ھەممە كىشى باراۋەر. ئېزىلگۈچىلەرنى ھىمايە قىلىپ، ئەزگۈچىلەرگە قارشى كۈرىشەيلى> دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە، دېھقانلار، شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە زىيالىيلاردىن ئىبارەت. رەھبەرلىك ئورگىنى ئالىي كومىتېت. 1896 - يىلى 8 - ئايدا ئىسپانىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، جايلاردا ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغان. قوراللىق كۈرەش ئاساسەن مانىلا، بۇلاكان، كاۋتې، پامپانگا قاتارلىق سەككىز ئۆلكىدە ئېلىپ بېرىلغان. 1897 - يىلى 3 - ئايدا ئاگۇينالدۇ باشچىلىقىدىكى فېئودال - بۇرژۇئازىيە مۇتەئەسسىپلىرى بونىفاسىئونى چەتكە قېقىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. شۇ يىلى 5 - ئايدا بونىفاسىئو ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇيۇشما تارقاپ كەتكەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
卡蒂普南
kǎ dì pǔ nán