Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاتولىك دىنى
Domain: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
旧教(天主教)
jiù jiào (tiān zhǔ jiào )
Domain: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
加特力教
jiā tè lì jiào
Domain: دىنى سۆزلۈكلەر公教
gōng jiào
Domain: دۇنيا تارىخى天主教
tiān zhǔ jiào
بەزىدە خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانت مەزھىپىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن كونا دىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى، پراۋوسلاۋىيە دىنى، پروتېستانت دىنى بىلەن بىللە خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچ چوڭ مەزھىپى دەپ ئاتالغان. خرىستىئان دىنى مىلادى Ⅱ، Ⅲ ئەسىرلەردە رىم ئىمپېرىيىسىگە كەڭ كۆلەمدە تارقالغاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا گرېك تىلى رايونلىرىنى مەركەز قىلغان شەرقىي چېركاۋ ۋە لاتىن تىلى رايونلىرىنى مەركەز قىلغان غەربىي چېركاۋ شەكىللەنگەن. مىلادى 395 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسى شەرقىي ۋە غەربىي قىسىملارغا بۆلۈنۈپ كەتكەندە، خرىستىئان دىنىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن (رەسمىي بۆلۈنۈشى 1054 - يىلى يۈز بەرگەن). شەرقىي چېركاۋ پراۋوسلاۋىيە دىنى دېيىلىپ، كونستانتىنوپول كاردىنالىنىڭ باشچىلىقىدا بولغان. غەربىي چېركاۋ كاتولىك دىنى دېيىلىپ، ئۇنىڭ كاتتىبېشى مىلادى Ⅴ ئەسىردىن باشلاپ ئۆزىنى پاپا دەپ ئاتىغان. مىلادى 756 - يىلى، فرانك كورۇلى پېپىن (پەتەك) رىمدىن راۋېنناغىچە بولغان جايلارنى پاپاغا ھەدىيە قىلغان، بۇ پاپا دۆلىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەت رىم پاپاسى ھەم كاتولىك دىنىنىڭ كاتتىبېشى، ھەم بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى بولۇپ قالغان. ھەرقايسى جايلاردىكى چېركاۋلارمۇ دىندىن خالىي فېئوداللارنىڭ ھەدىيىلىرىگە ئېرىشىپ، فېئودال چوڭ يەر ئىگىلىرىگە ئايلانغان. مىلادى Ⅷ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە رىم پاپاسىنىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانك كورۇلىنىڭ ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پوپلارنىڭ چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىپ، دىندىن خالىي فېئوداللار بىلەن بىرلىشىپ ئەسكىلىك قىلىشى، چېركاۋنىڭ ئىناۋىتىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرۋەتكەن. شۇڭا، Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن Ⅺ ئەسىرگىچە كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كلونىي ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، پوپلارنىڭ دىندىن چەتنىشى چەكلىنىپ، چېركاۋ بولۇپمۇ پاپانىڭ ئورنى كۈچەيتىلگەن. پاپا ئىننوسنىتىئۇس Ⅲ نىڭ ۋاقتىغا (1216 - 1198) كەلگەندە، ئاراگون، پورتۇگالىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئىتائەت قىلىپ، پاپانىڭ تەسىر كۈچى بىر مەھەل تازا روناق تاپقان. بىدئەت ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىدئەتلەرگە ھۆكۈم كېسىش ئورنى تەسىس قىلىنغان، يەنە دومىنىكا ۋە فرانىتىسىكا جەمئىيەتلىرى قۇرۇلغان ھەمدە پەلسەپە، سىياسەت، قانۇن قاتارلىقلار كاتولىك تېئولوگىيىسىنىڭ كونترللۇقىغا ئېلىنغان. كېيىن غەربىي ياۋرۇپادىكى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە، پادىشاھلىق ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ پاپانىڭ ھوقۇق كۈچى ئاجىزلىشىپ بارغان. ⅥⅩ ئەسىردىكى ياۋرۇپادىكى دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىدە كاتولىك دىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا پروتېستانت دىنى كاتولىك دىنىنىڭ ئورنىنى ئالغان، دىنىي ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 1534 - يىلى ئەيسا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان. ⅦⅩ ئەسىردىن ⅨⅩ ئەسىرگىچە بولغان بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى داۋامىدا، كاتولىك دىنى فېئودال ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى قوللىغان. ھازىر، ئاساسەن ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، ئاۋسترىيە، پولشا، ۋېنگرىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگوغا تارقىلىپ كىرگەن، يۈەن سۇلالىسى ئاخىرلاشقاندا ئۈزۈلۈپ قالغان. 1582 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى ۋەنلىنىڭ 10 - يىلى)يەنە بىرقېتىم جۇڭگوغا تارقالغان. ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەملىكىلەر، جاھانگىرلار تەرىپىدىن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش قورالى قىلىپ پايدىلىنىلغان.
ئۇنىۋېرسال,تارىخ,مائارىپ,ئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
天主教
tiān zhǔ jiào
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.