Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاتوكومېئى
Domain: دۇنيا تارىخى加藤高明
jiā téng gāo míng
(1860 - 1926)، ياپونىيە باش ۋەزىرى (1924 - 1926)، ئايچى ناھىيىسىدىن. توكيو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا مىتسوبىشى شىركىتىگە قاتنىشىپ، ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن متىسوبىشى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى بولغان. 1888 - يىلى سىياسىي ساھەگە كىرىپ، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى (1895 - 1899)، مالىيە ۋەزىرى (1900 - 1901، 1906، 1913، 1419 - 1915) بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتا <21 ماددا> نى ئوتتۇرغا قويۇشنى پىلانلىغان. 1916 - يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي جەمئىيەتنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ باش ھۆكۈمدارلىقىغا سايلانغان. 1924 - يىلى ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلغۇچى ئۈچ تەرەپ (ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي جەمئىيەت، مەسلەكداشلار جەمئىيىتى، يېڭىلىققا كۆچۈش كۇلۇبى) كابېنتىنى تەشكىللىگەن. ئۈچ تەرەپ كابېنتى بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، 1925 - يىلى 8 - ئايدا يېڭىۋاشتىن كابىنېت (ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي جەمئىيەت كابېنتى) تەشكىللىگەن. ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا خىزمەت ئىشلەۋېتىپ كېسەل بىلەن ئۆلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.