Chinese→UyghurMain Dictionary
卡特
Domain: دۇنيا تارىخىكارتېر
(1873 - 1937) ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ. ياش ۋاقتىدا ئارخېئولوگ پېتېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەلىم ئالغان. كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتى قەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەر ئىدارىسىنىڭ مۇپەتتىشى بولۇپ، توتموسىس Ⅳ، ئامېنخوتېپ Ⅰ، ئايال پادىشاھ خاتشېپسۇتلارنىڭ قەبرىلىرىنى قازغان. باشقىلارغا قارىغاندا <پادىشاھلار جىلغىسى>غا بالدۇرراق دىققەت قىلىپ، كۆپ يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى 1922 - يىلى قەدىمكى مىسىر 18 - خاندانلىقنىڭ فىرئەۋىنى تۇتانكاموننىڭ قەبرىسىنى تاپقان. بۇ قەبرە ئوغرىلانمىغان بولۇپ، تولۇق ساقلانغان. ئىچىدىن ئالتۇن تاۋۇت، فىرئەۋىننىڭ مومياسى ۋە زور تۈركۈمدىكى قىممەتلىك تارىخىي ئاسار - ئەتىقىلەر چىققان. كارتېرنىڭ باشقىلار بىلەن بىللە يازغان <توتموسىس Ⅳ قەبرىسى>، <تۇتانكامون قەبرىسى> دېگەن ئەسەرلىرى بار.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىkǎ tè
كۇتتېر، كات
卡特〈美〉
kǎ tè
كۇتتېر، كات
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.