UyghurMain Dictionary
كاتالۇنا دېھقانلار قوزغىلىڭى
Domain: دۇنيا تارىخىئاراگون پادىشاھلىقىنىڭ كاتالۇنا (كاتالۇنىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) رايونىداپارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭى. جەمئىي ئىككى قېتىم بولغان. (1) 1462 - 1472 - يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ. رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ۋېرنتاللات. قوزغىلاڭچى دېھقانلار شەھەر قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمى ۋە قالاق ئادەتلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، قوزغىلاڭ كاتالۇنانىڭ كەڭ رايونلىرىنى قاپلىغان. كېيىن كورۇل جۇئان Ⅱ ۋېرنتاللاتنى سېتىۋالغانلىقتىن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. (2) 1484 - 1486 - يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ. رەھبىرى سالا. قوزغىلاڭ بىر مەزگىل خېلى راۋاج تاپقان بولسىمۇ، لېكىن 1485 - يىلدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، سالا ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ قالدۇقى كۈرەشنى 1486 - يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان. شۇ يىلى 4 - ئايدا كورۇل فېرناندو Ⅱ كاتالۇنا رايونىدىكى يانچىلار مەلۇم ساندا پۇل تۆلەش شەرتى ئاستىدا، قالاق ئادەتلەرنى بىكار قىلىشقا ۋە بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن بىر پەرماننى جاكارلاشقا مەجبور بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.