Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاسابلانكا ئافرىقا نىزامنامىسى
دۇنيا تارىخى
卡萨布兰卡非洲宪章
kǎ sà bù lán kǎ fēi zhōu xiàn zhāng
قىسقارتىپ <ئافرىقا نىزامنامىسى> دېيىلىدۇ. 1961 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان. نىزامنامىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقىلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىنلىكنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي نىيەت بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بىرلىك ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ خەلقئارا ئىشلاردا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆز قاراشتىكى بىردەكلىكىنى ۋە ھەرىكەت بىرلىكىنى قوغدايدۇ ۋە مۇستەھكەملەيدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مۇستەقىللىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ھازىرغىچە چەت ئەللەر ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرىۋاتقان ئافرىقا زېمىنىنى ئۇلارغا ياردەم بېرىش يولى بىلەن ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈپ، ھەرخىل شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە يېڭى مۇستەملىكىچىلىك تۈگىتىلىدۇ؛ ئافرىقا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، ئىقتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقلىرى كۈچەيتىلىدۇ، دەپ جاكارلانغان. نىزامنامىدە يەنە شارائىت يول قويغان ئەھۋالدا بارلىق ئافرىقا مەملىكەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ئافرىقا مەسلىھەت پارلامېنتىنى ئىمكان قەدەر تېزلىكتە تەسىس قىلىشنى ھەمدە ئافرىقا، سىياسىي كومىتېتى، ئىقتىساد كومىتېتى، مەدەنىيەت كومىتېتى، ئافرىقا بىرلەشمە ئالىي قوماندانلىق شتابى ۋە ئالاقىلىشىش ئىدارىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان. <كاسابلانكا يىغىنى (2)> دىن پايدىلىنىلسۇن.