Uyghur←ChineseMain Dictionary
كارخېمىش جېڭى
Domain: دۇنيا تارىخى卡赫美士战役
kǎ hè měi shì zhàn yì
يېڭى بابىلون بىلەن مىدىيە بىرلەشمە قوشۇننىڭ ئاسسۇرىيىنى يوقاتقان جېڭى. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى يېڭى بابىلونىيە بىلەن مىدىيە بىرلەشمە قوشۇنى نېنېۋىي (ھازىرقى ئىراقتا) شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغاندىن كېيىن، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ھارران (بۈگۈنكى تۈركىيىدە) تەرەپلەرگە چېكىنگەن. مىسىر فىرئەۋىنى سۈرىيىدىكى ھوقۇق مەنپەئىتىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، غەربىي ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىپ، ئاسسۇرىيىگە ياردەملەشكەن. مىلادىدىن 605 يىل ئىلگىرى يېڭى يابىلونىيە پادىشاھى ناپۇپولاسسار (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ ئوغلى نابۇكودونوسور Ⅱ) بىرلەشمە قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ مىسىر فىرئەۋىنى نېكو بىلەن فرات دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كارخېمىشتا ئۇرۇشقان. نەتىجىدە مىسىر يېڭىلىپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى يوقالغان، يېڭى بابىلونىيە سۈرىيە رايونىنى بېسىۋالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.