UyghurMain Dictionary
كارۇتېنوئىدلار
بىئولوگىيە
ئاددىي ياغلار ئىچىدىكى تېرپىنلىق بىرىكمە، ئۇ خلوروپلاستتىكى ئىككى خىل فوتوسىنتېز پىگمېنتنىڭ بىرىدۇر. كاروتنوئىدلارنىڭ فۇنكىسىيىسى خلوروفىل b نىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئاساسەن سۈمۈرۈۋالغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى رېئاكسىيە مەركىزىدىكى خلوروفىل a غا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە يەنە خلوروفىل a نى يورۇقلۇقتا ئوكسىدلىنىپ كېتىشتىن قوغداش رولىغا ئىگە. كاروتىنلار، كاروتىنوئىدلار ئىچىدىكى بىر خىلى، ئۇ تويۇنمىغان گىدروكاربون بىرىكمىسى بولۇپ، تەركىبىدە 11 دانە قوش باغ، 12 خىل ئىزومېرى بولىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغىنى β - كاروتىننىڭ تۇغۇندىسى ئىككى ئاساسلىق ئىسپىرتتۇر. ئۇلترا بىنەپشە نۇر چۈشكەندە ئۇ ئېنېرگىيىنى سۈمۈرۈپ، زەنجىرى ئۈزۈلۈش بىلەن ئىككى مولېكۇلا ۋىتامىن A نى ھاسىل قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن β - كاروتىن، ۋىتامىن A نىڭ مەنبەسى دەپ ئاتىلىدۇ.