Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاررېر
دۇنيا تارىخى
卡雷尔
kǎ léi ěr
(1889 - 1971) شۋېتسارىيىلىك خىمىك. موسكۋادا تۇغۇلغان. 1911 - يىلى شۋېتسارىيە سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتىتى دوكتۇرى بولغان. كېيىن گېرمانىيىدىكى فرانكفورت شەھىرىدە ئالتە يىل ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1919 - يىلدىن باشلاپ سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ۋە خىمىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. كاروتىن، رىبۇفلاۋىن، A,K,E ۋىتامىنلىرى تەتقىقاتىدا تۆھپە ياراتقان. 1937 - يىلى ئەنگلىيىلىك ھوۋوس (1883 - 1950) بىلەن نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.