Uyghur←ChineseMain Dictionary
كارول سۈلھ شەرتنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخى大王和约
dà wáng hé yuē
<ئانتالىكىداس شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن 387 يىل ئىلگىرى سپارتا پۈتۈن گرېتسىيىنىڭ مەنپەئىتىنى سېتىش يۈزىسىدىن پېرسىيە بىلەن ئىمزالىغان شەرتنامە. كورېننوس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 395 ـ 387) داۋامىدا، ئافىنا، كورېنتوس، دىبىس قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشى بىلەن، سپارتانىڭ ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن،ئۇنىڭ گرېتسىيىدىكى زومىگەرلىكى تەۋرىنىپ قالغان. سپارتا ھۆكۈمدارى پېرسىيىدىن ياردەم تىلىگەندە پېرسىيە پادىشاھى ئافىنانىڭ قايتا قۇدرەت تېپىشىدىن قۇرقۇپ، سپارتاغا ياردەم بېرىشكە رازى بولغان. مىلادىدىن 387 يىل (ياكى 386 يىل) ئىلگىرى، سپارتانىڭ ئەلچىسى ئانتالكىداس پېرسىيىنىڭ پايتەختى سوسادا پادىشاھ ئەردەشىر Ⅱ بىلەن شەرتنامە تۈزگەن. ئۇنىڭدا كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان گرېتسىيەنىڭ ھەرقايسى قەلئەلىرى پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولىدۇ، لېكىن لېمنوس ۋە ئىمبروس ئاراللىرى (خېلىسپاننىڭ غەربىدە) يەنىلا ئافىناغا تەۋە بولىدۇ؛ گرېتسىيىنىڭ باشقا قەلئەلىرى، سپارتانىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىدە <ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى>دىن بەھرىمان بولىدۇ. سپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننىسا ئىتتىپاقىدىن باشقا، ھەممە ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. كورىنتوس ئۇرۇشى پېرسىيە كارولىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاياغلاشقان.شۇنىڭ بىلەن پېرسىيە گرېتسىيىنىڭ ھەقىقى خوجايىنىغا ئايلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.