Uyghur←ChineseMain Dictionary
كارولىن خاندانلىقى
تارىخ
迦罗林王朝
jiā luó lín wáng cháo
دۇنيا تارىخى
加洛林王朝
jiā luò lín wáng cháo
فرانك پادىشاھلىقى خاندانلىقى، ئىمپېراتور كارولۇس (<كارول> نىڭ لاتىنچىسى) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مىلادى 751 - يىلى مېروۋېي خاندانلىقىنىڭ ئوردا ۋەزىرى پېپىن (پەتەك) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئىمپېراتور كارول تەختتىكى مەزگىلدە خاندانلىق راسا گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ، غەربىي ياۋرۇپانىڭ زور قىسمىنى باشقۇرغان. فېئوداللىق تۈزۈم ئاساسەن مۇقىملاشقان. 843 - يىلى <ۋېردېن شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن، كورۇلۇس ئىمپېرىيىسى ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتكەن، كارولىن خاندانلىقىمۇ ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ، بۇلار شەرقىي فرانك پادىشاھلىقى، غەربىي فرانك پادىشاھلىقى ۋە ئوتتۇرا پادىشاھلىقى دەپ ئاتىلىپ، ھەرقايسىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 911 -، 987 - ۋە 887 - يىللىرى يىمىرىلگەن. كارولىن خاندانلىقىنىڭ ئاساسلىق پادىشاھلىرى ۋە ئۇلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل تۆۋەندىكىچە: پېپىن (پەتەك، 751 - 768)، ئىمپېراتور كارول (768 - 814)، لۇئى (تەقۋادار، 814 - 840)، لۇئى (گېرمان، 843 - 876)، كارل ( تاقىرباش، 843 - 877)، لوتېر Ⅰ (840 - 855).