UyghurMain Dictionary
كارماتچىلار
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دىنىدا Ⅸ ئەسىردە پەيدا بولغان بىر مەزھەپ. بىر ئېيتىلىشىچە، بۇ نام <كارمات> لەقەملىك ئەبۇ ئابدۇللا (تەخمىنەن مىلادى 874 - يىلى) نىڭ نامىدىن كەلگەن. يەنە بىر ئېيتىلىشىچە، Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەزكۇر مەزھەپنىڭ داھىيىسى ھەمەدانى كارماتى (ھىمدانى كرامتى، ؟ - 899) نىڭ نامىدىن كەلگەن. ئەسلىدە شىئە مەزھىپىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، كېيىن ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. جەمئىيەتنىڭ تەڭ - باراۋەر بولۇشىنى، مال - مۈلۈكلىرىنىڭ ئومۇمنىڭ بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. مۇرىتلار بىر كۈندە بەش قېتىم ناماز ئوقۇمايتتى، روزا تۇتمايتتى، ھەج قىلمايتتى، ئىماملارغا سادىق بولۇپ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىگە قارشى تۇراتتى. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ھەرقايسى يەرلەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 890 - يىلدىكى ھەمەدانى كارماتى رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن سۈرىيىگە بېسىپ كىرىپ، دەمەشقنى قورشىۋالغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ بېشىدا باستۇرۇلغان. يەنە بىر قوزغىلاڭچى قوشۇن بەھرەيىننى بېسىۋېلىپ، كارمات جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.