Uyghur←ChineseMain Dictionary
كارلىسباد قارارى
Domain: دۇنيا تارىخى卡尔斯巴德决议
kǎ ěr sī bā dé jué yì
گېرمانىيە ئىتتىپاقى ھۆكۈمتىنىڭ بۇرژۇئا ئىلغار ئەربابلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى. 1819 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاۋستىرىيە، پروسىيە، ساكسونىيە، ھاننوۋېر قاتارلىق ئون شتات كارلىسبادتا پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، ھەرقايسى شتاتلاردىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، فرانكفورت ئىتتىپاق پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. بۇ قاراردا ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى ھەرقايسى شتاتلاردا ئىنقىلابچىلارنى قولغا ئېلىشقا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قاتتىق نازارەتنى يولغا قويۇشقا، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپلەردىن ھەيدەپ چىقىرىشقا، ئىنقىلابىي گېزىت - ژورناللارنى پېچەتلەشكە، ستۇدېنتلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ۋە يەنە شتاتلارنىڭ <قانۇنىي تەرتىپى> قورال كۈچى بىلەن ساقلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.