Uyghur←ChineseMain Dictionary
كارېيېۋ
دۇنيا تارىخى
卡列也夫
kǎ liè yě fū
(1850 - 1931) روسىيىلىك تارىخشۇناس. 1873 - يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1879 - 1899 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋارشاۋا ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە پېتېربرگ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1910 - يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ ئالاقە ئاكادېمىكى بولغان، 1929 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى بولغان. ئۇزۇن مەزگىل پۈتۈن كۈچ - زېھنىنى بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخىنى، بولۇپمۇ ئىنقىلابنىڭ ئالدى - كەينىدىكى دېھقانلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلغان. 1879 - يىلى <فرانسىيىدە ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىكى دېھقانلار ۋە دېھقانلار مەسىلسى> ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ كىتاب ماركىس ۋە ئېنگلېسنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ دەلىلچىلىك ئېقىمىدىكى تارىخچى بولغاچقا، ماتېرىيال توپلاشقا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تەتقىقاتىغىمۇ دىققەت قىلغان. لېكىن <تارىخىي پەلسەپىنىڭ نېگىزلىك مەسىلىلىرى> دېگەن كىتابىدا تارىخنىڭ ھەقىقىي بىر پەن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىنمۇ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، بۈيۈك فرانسيە ئىنقىلابىغا ئائىت زور مىقداردىكى ھۆججەت ماتېرىياللارنى توپلىغان. ئۇنىڭ يەنە <قەدىمدىن تارتىپ 1789 - يىلغىچە بولغان فرانسىيە دېھقانلىرى تارىخى تېزىسى>، <غەربىي ياۋرۇپا يېقىنقى زامان تارىخى> دېگەن ئەسەرلىرى بار. ئۇ يەنە <پارىژ شەھىرى رايونلىرىنىڭ 1790 - 1795 - يىللاردىكى تېخى ئېلان قىلىنمىغان تارىخىي ماتېرىياللىرى>، <پارىژ شەھىرى رايونلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ 2 - يىلى تومۇز ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى تېخى ئېلان قىلىنمىغان يىغىن خاتىرىلىرى> قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان.