Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاردېناس
Domain: دۇنيا تارىخى卡德纳斯
kǎ dé nà sī
(1895 - 1970) مېكسىكىلىق سىياسىئون، زۇڭتۇڭ (1934 - 1940). مەتبەئە ئىشچىسى بولغان. 1910 - 1917 - يىللىرىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1928 - يىلى گېنېرال بولغان. ھەربىي رايون قوماندانى، شتات باشلىقى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان چېغدا ئىلغار ئىچكى سياسەت يۈرگۈزۈپ، بۇرژۇئا دېموكراتىيە ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئاشكارا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويغان، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھوقۇقى ۋە سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ئېتىراپ قىلغان. 1937 - يىلى تۆمۈر يوللارنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان. 1938 - يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيىلەرنىڭ نېفىت كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغان. دۇنيا تىنچىلىق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا تىنچلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1956 - يىلى <خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتكىنى ئۈچۈن> لېنىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1970 - يىلى كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى卡德纳斯
kǎ dé nà sī
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.