Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاربوكسى پېپتىدازا
Domain: بىئولوگىيە羧肽酶
suōtàiméi
پېپتىد ۋە ئاقسىللارنىڭ كاربوكسىلى بار ئۇچىدىكى پېپتىد بېغىنىڭ گىدرولىزلىنىشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا تاشقى پېپتىد ئېنزىمىدۇر. ئۇلار ئالدىنقى تەنچىسى - دەسلەپكى كاربوكسى پېپتىدازانىڭ ترىپسىننىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇشى ئارقىلىق كاربوكسى پېپتىدازىغا ئايلىنىدۇ. كاربوكسى پېپتىدازا A تەركىبىدە 307 دانە ئامىنو كىسلاتا قالدۇقى بولغان تاق زەنجىرلىك بىر ئاقسىل. Zn 2+ ئىئونى ئېنزىمىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئويمانلىق (ئاكتىپ ئورنى) ئەتراپىدا بولۇپ، His 156, His 60, Glu 72 لەر بىلەن كوردىناتلىق باغ ئارقىلىق تۇتىشىپ تۆت تەرەپلىك تەنچىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئېنزىمنىڭ مەخسۇسلۇقى ئەركىن كاربوكسىل رادىكالى بولغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاروماتىك ئامىنو كسىلاتالىرى ھەمدە ئامىن رادىكالى بىلەن تەمىنلىشىدىن ھاسىل بولغان پېپتىد بېغى ئەڭ مۇۋاپىق ئاساسىي ماددىسى بولىدۇ. سول تەرەپتىكى (يەنى كاربوكسىل بىلەن تەمىنلەيدىغان) ئامىنو كىسلاتاسىغا ناھايىتى ئاز تەسىر قىلىدۇ. كاربوكسى پېپتىدازا B نىڭ مەخسۇسلۇقى تەركىبىدە ئەركىن كاربوكسىل رادىكالى بولغان ئىشقارلىق ئامىنو كىسلاتالىرى (ئارگىنىن، لىزىن، ئورنىتىن) نىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ پېپتىد زەنجىرىنىڭ C - ئۇچىدىكى ئامىنو كىسلاتالىرىنى ئانالىز قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
Domain: ئۇنىۋېرسال羧肽酶
suō tài méi
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.