UyghurMain Dictionary
كاراكاللا ھاممامى
دۇنيا تارىخى
رىم قەدىمكى تىپىك ھاممام. ئىتالىيە رىم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، مىلادى 212 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلاپ، 216 - يىلى كاراكاللا (188 - 172) ئىمپېراتور بولۇپ تۇرغان دەۋردە پۈتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. گوتلار 375 - يىلى رىم شەھىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆستىڭىنى بۇزۇۋەتكەنگە قەدەر ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلگەن. ھاممامنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى 20 مىڭ كۋادرات مېتىر، ھويلىسىنى قوشقاندا 100 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، رىم ھامماملىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 16 -ئەسىردە بورۇس Ⅲ نىڭ ۋاقتىدا قېزىلىشقا باشلىغان. 1824 - يىلى تەشكىللىك ھالدا قېزىش ئېلىپ بېرىلىپ، ھاممامنىڭ ئالدىنقى خانىسى. كىيىم يۆتكەش بۆلمىسى، سوغۇق سۇلۇق ھاممام، يىلمان سۇلۇق ھاممام، ئىسسىق سۇلۇق ھاممام، تەرلىنىش بۆلمىسى، چوڭ كارىدور، ئىجتىمائىي ئالاقە بۆلمىسى، كۇتۇپخانا، نۇتۇق سۆزلەش زالى، ماگېزىن ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىبادەتخانا، تەنتەربىيە مەيدانى، مۇسابىقە مەيدانى قاتارلىقلار تېپىلغان. پولغا پۈتۈنلەي رەسىملىك خىشلار يېيىتىلغان بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل - ھەيۋەتلىك، كاراكاللار ھاممامى شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە بىناكارلىق مىمارلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.