Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاپ توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
卡普暴动
kǎ pǔ bào dòng
1920 - يىلى گېرمانىيىدە يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي ھەربىي ئۆزگىرىش. ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىمپېراتورلۇق تۈزۈم تەرەپدارى بولغان ھەربىيلەر يۆنكېر پومېشچىكلار ۋە بۇرژۇئا ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تىكلەپ، ھەربىي ئستىبداتلىق ئورناتماقچى بولغان. 1920 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئەكسىيەتچى ئەيرخابات قىسىملىرى بېرلىندا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، مىلىتارىست لۇدېندورفنىڭ قوللىشى بىلەن تۆرە پومىشچىك كاپ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قۇرغان. سوتسىيال - دېموكراتلار باشچىلىقىدىكى ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى شتۇتگارتقا قېچىپ كەتكەن. گېرمانىيە ئىشچىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن دەرھال كۈرەشكە ئاتلىنىپ، ئومۇمىي ئىش تاشلاش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش يولى بىلەن بۇ قېتىملىق توپىلاڭنى تارمار قىلغان. كاپ 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بېرلىنغا كۆچۈپ كەلگەن.