Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاپىتو
دۇنيا تارىخى
卡比托
kǎ bǐ tuō
(؟ - 22) قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى قانۇنشۇناس. كاپىتو (مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى تىرىبون بولغان)نىڭ ئوغلى. مىلادى 5 - يىلى ئارخونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋگوستۇس ۋە تىبېرىئۇسلار تەختتىكى ۋاقتىدا سۇچىلىق نازارەتچىسى (شەھەر مەمۇرىيىتى ئەمەلدارىنىڭ ياردەمچىسى، مىلادى 13 - 22 - يىللار) بولغانل. قانۇنغا دائىر بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئىمپېراتور يۇستىنىئان Ⅰ (Ⅵ ئەسىر) نىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن <ھەق تەلەپ قامۇسى>نىڭ <تەلىماتلار توپلىمى>دا ئىشلىتىلگەن. بۇ لابېئو بىلەن زامانداش بولۇپ، ئۇلار شۇ زاماننىڭ مەشھۇر قانۇنشۇناسلىرى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنشۇناسلىقى ئىلمىي ئېقىمىنى ياراتقان. كاپىتونىڭ شاگىرتى سابىنۇسمۇ شۆھرەت قازانغانلىقتىن بۇ ئېقىمدىكلەر <سابىنچىلار> دەپ ئاتالغان. لابىئو ئېقىمىدىكىلەر ئۇنىڭ شاگىرتى پرۇكۇلۇسنىڭ نامى بىلەن <پرۇكۇلچىلار> دەپ ئاتالغان.