UyghurMain Dictionary
كاپىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەر.
«كاپىر» ئومۇمىي.
«تەرسا» خرىستىئان؛ «ئوتپەرەس»، «ئاتەشپەرەس»، سامانىزم دىنىدىكىلەر؛ «بۇتپەرەس» بۇددىستلار.
مەيلىدۇر ئوتپەرەس جامى قىلسا مەست،
مەن بولسام كاپىرۇرتەرسا، بۇتپەرەس؛
ھەر گورۇھ ھەققىدە ھەر خىل سۆز قىلۇر،
مەن بولاي ھەر نەرسە، مەن ئۆزۈمنىڭ، بەس.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ بىر ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «يوشۇرۇش» ياكى «كۆز يۇمۇش» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىسلام دىنىدا قوللىنىلىدىغان خاس ئاتالغۇ بولۇپ، ئاللانىڭ شەپقىتىگە كۆز يۇمۇش، ئاللاغا ئاسىيلىق قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كېيىن مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەرنى «كاپىر» دەپ ئاتىدى. بۇ سۆز كەمسىتىش مەنىسىگە ئىگە قىلىندى ھەمدە تىللاشقا ئىشلىتىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ئى. ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغان، دىندىن قايتقان، خۇداسىز، ئىمانسىز كىشى.
سۈپ. كۆچمە. رەھىمسىز، ۋاپاسىز.
قەتلى ئەيلەرگە مېنى ھەر كۈنى ئول كاپىر ئىشق، رەھمى قىلمايدۇر مىكرى كەيدى بېشىمغە لىق.