Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاپې مۇستەملىكىسى
Domain: دۇنيا تارىخى开普殖民地
kāi pǔ zhí mín dì
ئۈمىد تۇمشۇقى مۇستەملىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا (ئازانىيىدە) ئەڭ بۇرۇن قۇرغان مۇستەملىكىسى، 1652 - يىلى گوللاندىيە شەرقىي ھىندى شىركىتى رىېبېكنى ئەۋەتىپ ھازىرقى كاپېدا مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. كېيىن بۇ شىركەت قورال كۈچى ۋە ئالداش چارىلىرى ئارقىلىق كوسالارنىڭ قولىدىن تابىل، سالدانىيە، خاۋتىر، فولىس قولتۇقلىرىنى تارتىۋېلىپ ۋە <سېتىۋېلىپ> مۇستەملىكە زېمىنىنى ئىچكى جايلارغا ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە، ئەنگلىيىلەر ئىشغال قىلىۋالغان. 1814 - يىلى ئەنگلىيەگە رەسمىي بۆلۈپ بېرىلىپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئۈمىد تۇمشۇقى مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. ئەنگلىيە بىر مەھەل ناتالنى قوشۇۋالغان. 1910 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا بىرلەشمىسىگە قوشۇۋېلىپ، بىر ئۆلكىگە ئايلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.