Chinese→UyghurMain Dictionary
考古学文化
دۇنيا تارىخى
ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت
ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئارخېئولوگىيىلىك قالدۇقلار (بولۇپمۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەت قالدۇقلىرى) دىن قالغان ئوخشاش بىر تارىخىي دەۋرگە مەنسۇپ بولغان ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ئورتاق گەۋدە. ئوخشاش مەدەنىيەت قالدۇقلىرىدا ئوخشاش شەكىلدىكى قورال - سايمان، قاچا - قۇچا ۋە بۇلارغا مۇناسىپ بولغان ياساش تېخنىكىسى قاتارلىقلار بولىدۇ، شۇنداقلا مەلۇم بىر خىل ئالاھىدىلىك ياكى كۆپ خىل ئالاھىدىلىك بويىچە پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ نامى كۆپىنچە، تۇنجى قېتىم تېپىلغان تىپىك خارابە ئورنىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، فرانسىيىدىكى ئاببېۋىل مەدەنىيىتى قاتارلىقلار. مەزكۇر مەدەنىيەتتىكى ئالاھىدىلىكى بولغان مەلۇم قالدۇق نەرسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ياپونىيىنىڭ «قەدىمكى قەبرە مەدەنىيىتى» قاتارلىقلار.