—Reference
كىنەزلىك
دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
كىنەز پادىشاھلىق دۆلەتلەردە ئاقسۆڭەكلەرگە بېرىلىدىغان بىر خىل ئۇنۋان. كىنەزلىك كىنەز ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتتىن ئىبارەت. روسىيىدە قەدىمكى ۋاقىتلاردا گولېس، جىبوروس، موسكۋا قاتارلىق كىنەزلىكلەر قۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمرانى «كىنەز» دەپ ئاتىلاتتى.
ھازىر دۇنيادىكى بىردىنبىر كىنەزلىك ياۋروپادىكى ليۇكسىمبۇرگ بولۇپ، دۆلەت باشلىقى كىنەز دەپ ئاتىلىدۇ، لېكىن ئۇمۇ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەتكە ئايلىنىپ كەتتى.