Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاننې جېڭى
دۇنيا تارىخى
坎尼战役
kǎn ní zhàn yì
ئىككىنچى قېتىملىق پۇنى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مۇھىم جەڭ. مىلادىدىن 216 يىل ئىلگىرى، يازدا، كارفاگېننىڭ باش قوماندانى گاننىبال تەخمىنەن 40 مىڭ كىشىلىك پىدائىي ئەسكەر ۋە 10 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق ئەسكەرنى، رىمنىڭ كونسۇلى پائۇل بىلەن ۋاررولار تەخمىنەن 80 مىڭ كىشىلىك پىيادە ئەسكەر ۋە 6 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ، ئىككى تەرەپ ئىتالىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىي ئاپولىيىنىڭ تەۋەسىدىكى ئائۇفىدۇس (ھازىرقى ئوفانتو دەرياسى) دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى كانائى دېگەن جايدا جەڭ قىلغان. گاننىبال پىيادە ئەسكەرلىرىنى ھىلال ئاي شەكلىدە تىزىپ، ئاجىزراق ئەسكەرلىرىنى ئوتتۇرغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىللانغان ئەسكەرلىرىنى ئىككى يانغا قويغان، ئاندىن كېيىن ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى ئىككى قانىتىغا تىزغان. جەڭ باشلىنىش بىلەنلا رىم پىيادە ئەسكەرلىرى كارفاگېن ئارمىيىسىنىڭ مەركىزىگە بۆسۈپ كىرگەن، كارفاگېننىڭ ئاجىز ئەسكەرلىرى چېكىنىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى تەرەپتىكى ئەسكەرلەر ئۇلارنى قورشاپ ئالدىغا ئىلگىرلەپ، قارىمۇ قارشى بولغان ھىلال ئاي شەكىل ھاسىل قىلغان، ئاتلىق ئەسكەرلىرىمۇ قوشۇننىڭ ئىككى قانىتىدىن چىقىپ، رىم ئاتلىق ئەسكەرلىرىگە زەربە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن زىچ بولغان مۇھاسىرە چەمبىرىكى ھاسىل قىلغان. قاتمۇقات مۇھاسىرە ئىچىدە قالغان رىم ئارمىيىسى جەڭگىۋارلىق ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىنغان، نەتىجىدە رىم ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلگەن، پائۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون مىڭدىن كۆپرەك ئادىمى ئەسىرگە چۈشكەن؛ گاننىبال تەخمىنەن 6 مىڭدەك ئادىمىدىن ئايرىلغان. كاننې جېڭى ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى مەشھۇر جەڭ مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.