Uyghur←ChineseMain Dictionary
كانيا كۇبجا
Domain: دۇنيا تارىخى曲女城
qǔ nǚ chéng
مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ھىندىستان خارشا ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى. <ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى>دا ئۇچرايدۇ. ھازىرقى گانگ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كانائۇج. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شۇەنزاڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا، بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى كۆپ، ئاۋات ۋە باي ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەزنەۋىلەر سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى مەھمۇد تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ۋەيران قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.