Chinese→UyghurMain Dictionary
康明
دۇنيا تارىخى
كومىن
(تەخمىنەن 1447 - 1511) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، تارىخچى. فلاندېرسىتىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغولغان. ئەسلىدە بۇرگۇندى گېرتسوگى چارلېس (دادىل)نىڭ ئىشەنچلىك كىشىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيىگە ئەلچىلىككە بارغان. 1472 - يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅺ نىڭ خىزمىتىگە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى، مۇھىم ئىشلار ياردەمچىسى بولغان. لۇئى Ⅺ ئۆلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقتىن، 1487 - يىلى قولغا ئېلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىۋاشتىن خىزمەتكە تەيىنلەنگەن. 1494 - يىلى ئىتالىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅷ نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ۋېنېتسىيىگە ئەلچىلىككە بارغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سەككىز توملۇق <ئەسلىمە>نى يېزىپ پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭ مەزمونى 1464 - يىلدىن باشلىنىپ، 1498 - يىلى ئاخىرلىشىپ، لۇئى Ⅺ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى، چارلېس Ⅷ نىڭ ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىشى ۋە لۇئى ⅡⅩ نىڭ تەختكە چىقىشىغىچە بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ياۋرۇپادىكى ھەممە ئەللەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دېيىش مۇمكىن.